1-قەۋەت
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللىغان ۋاقىت: 2009-7-2 11:18
مۇشۇ ئەزانىڭ يازمىسىنىلا كۆرۈش
مالايسىيادىكى دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلار بىلەن شەخسى
مالايسىيادىكى دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلار بىلەن شەخسى ئۇنۋېرسىتلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى
1. تىل مۇھىتى
مالايسىيادا دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلاردا مالاي تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئوقۇلىدۇ،خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرگەندىن كىيىن،پەقەت ئىنگىلىز تىلىدا ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپكە يىتىپ قالماي،يەنە مالاي تىلىنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك،بۇ تەبئىلا خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ،ئەلۋەتتە كۆپرەك بىلىم ئىگەللەش ياخشى ئىش،بىراق ئۇنى ئىشلىتىش كېرەك،بەلكىم مالايسىيادا داۋاملىق قېلىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلايدىغانلارغا ئەسقاتىدۇ.شەخسى ئۇنۋېرسىتلارنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئوقۇلىدۇ،مالاي تىلى ئۆگىنىش ھاجەتسىز،بۇنداق بۇلغاندا ئوقۇغۇچىلار كەسپى دەرسلەرنى خاتىرجەم ئۆگىنەلەيدۇ.
2.مائارىپ ئۇسۇلى
دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلارنى دۆلەت ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ،دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىق مائارىپىنى يولغا قۇيىدۇ،ئاساسى بىلىم ۋە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.شەخسى ئۇنۋېرسىتلار بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەرسلىك تەسىس قىلىدۇ،دەرسلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى ،ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۇنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتى،بۇنداق دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەمىليەتچىل،قۇللىنىشچان بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
3. ئوقۇتۇش دائىرىسى
ئادەتتە دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى شەخسى مەكتەپلەردىن ئۇزۇن،دائىرىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپ ھەم مۇقىم.شەخسى ئۇنۋېرسىتلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى تەتقىقات نەتىجىسى،فوند ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ئوقۇش پۇلىدىن كىلىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش پۇلىدىن كىلىدىغان كىرىم چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ،شۇڭا شەخسى ئۇنۋېرسىتلار ئوقۇتۇش سۈپىتىگە،كەسپ لايھىلىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ،تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.
4.ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى
دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلاردا 95 پىرسەنتتىن ئوشۇقى مالاي مىللىتى،بۇنداق بۇلغاندا تەڭسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ: بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلار كەسپكە ئىلتىماس قىلغاندا،كۆپ ھاللاردا ئاۋال مالاي مىللىتى قۇبۇل قىلىنىدۇ،خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىش تېپىش ئىستىقبالى ياخشى بۇلغان ئىقتىساد،بۇغالتىرلىق قاتارلىق سودا ساھەسىدىكى كەسپلەرگە ئىلتىماس قىلالمايدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن،مەكتەپ مالاي ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلىدا ئېتىبار قىلىش ۋە ئازلىتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قۇيىدۇ،ئەمما خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش پۇلىنى ئازلىتىش ئاساسەن جەھەتتىن يوق دىيەرلىك.
شەخسى ئۇنۋېرسىتلارنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئاساسلىقى خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار،ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ۋە مائارىپ ئارقا كۆرىنىشى بىلەن ئىلتىماس قىلىدۇ،قۇبۇل قىلىنىش ۋە قىلىنماسلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا باغلىق بەلكى دۆلەت پەرقىدە ئەمەس،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كەسپ ۋە دەرسلىكنى تاللاپ ئوقۇسا بۇلىدۇ.
5.ئوقۇش تارىخىنىڭ ئېتراپ قىلىنىشى
مالايسىيادا 15 دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىت بۇلۇپ،ئەمما ھازىرغىچە يەتتە مەكتەپ جوڭگو مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن.ئەمما،30دىن ئۇشۇق شەخسى مەكتەپلەرنىڭ تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىق ئۈنۋانى مالايسىيا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىپلا قالماي،يەنە جوڭگو مائارىپىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ.
6. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئىستىقبالى
مالايسىيا كۆچمەن قۇبۇل قىلمايدىغان دۆلەت،شۇڭا مالايسىيادا ئوقۇشنى تاللايدىغان ئوقۇغۇچىلار مالايسىيانى ئوتتۇرىدا ئالمىشىش بېكىتى دەپ قارايدۇ.دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتلارنىڭ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار پەقەتلا مالايسىيادا خىزمەت قىلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ ياكى دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئەنگىليەگە قاراشلىق دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ،مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتە مەجبۇرىيىتى يوق.شەخسى ئۇنۋېرسىتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەنگىلىيە،ئاۋىستىرالىيە قاتارلىك دۆلەتلەرنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ئۇنۋېرسىتلار بىلەن خەلقارالىق توختامى بۇلۇپ،بۇنداق كەسپلەرنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نۇمۇرىنى تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ،تۇلۇق كۇرسنىڭ 3-يىلى ياكى ئاسپىرانتلىقنى 3-دۆلەتنى تاللاپ،شۇ دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇسا بۇلىدۇ.
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىساڭلار بۇلىدۇ: چ چ:821974437، تېلىفۇن:15999182321
[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-7-2 11:25 ]