يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

ماڭا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن

ماڭا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن

دوسلار ،ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم .كومپىيوتىرىم بۇرۇن نۇرمال قوزغىلاتتى. (يەنى توك مەنبەسىنى بېسىپلا قويسام ) ھازىر نىمە بولغىنىنى بىلمىدىم f1 كونۇپكىسىنى باسمىسام قوزغالمايدىغان بولۇپ قالدى .بۇنى ئاساسى تاختىدىكى باتارىيەنىڭ ئىشىمىكىن دەپ ئالماشتۇرساممۇ ئوخشاش . سىموس بىلەنمۇ ئازتولا ھەپىلەشتىم بىراق يەنىلا ئوخشاش (سىموستىن خەۋىرىم ئانچە يوق لىكىن ئازراق بىلىمەن )  شۇڭا بۇ مەسىلىنى دوسلارنىڭ بىرلىكتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ ھەل قىلىشىپ بىرىشىنى ئۆتىنىمەن .چۈنكى بۇ ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغان كومپىيوتىر ئىدى .مەن سىموستىن ۋاقىت بەلگىلەپ قوزغىلىدىغان قىلىپ قويغان .بىراق بۇ ئاۋارىچىلىق مېنى قىيناپ قويدى .

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-6-30 21:50  ]

TOP

تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا خەتنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىڭ .

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-6-30 23:49  ]
خورىزى يوق شەھەرنىڭ ، سەھرى كېيىن بولىدۇ .

TOP

سموستىن يۇمشاق دېسكنى ئېتىۋېتىڭ ، سموسقا كىرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى تۈر
   STANDARD CMOS SETUP
Drive A:1.44M, 3.5 نى None قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭدە F10 بېسىپ ساقلاپ چىقىپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ

TOP

يوقۇرقى ئنكاسنى تاھايتى تەستە يازدىم ، Ctrl+K نى باسساملا باشقا تور بەت ئېچىلىپ ئېنگىلىسچە ئۇيغۇرچە يوتكىگىلى بولمايۋاتىدۇ ، ئامالسىز ئېنگىلىسچە خەتلەرنى باشقا جايدا بېسىۋېلىپ ئاران دىگەندە يېزىپ كەتتىم ، بۇ زادى نىمە ئىش ؟

TOP

نەقىل:
ئەسلى يوللانما yengilik تەرىپىدىن 2009-7-1 00:50 دە يوللانغان
يوقۇرقى ئنكاسنى تاھايتى تەستە يازدىم ، Ctrl+K نى باسساملا باشقا تور بەت ئېچىلىپ ئېنگىلىسچە ئۇيغۇرچە يوتكىگىلى ب ...
، مىنىڭمۇ مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىپ ، سېستىمىن قايتا قاچىلىدىم تازا. ماۋۇ ESET NOD32 بىلەن 360 قۇرۇقچىنى ئىشلەتكەندىن كىيىن تولا مەسىلە چىقىپ ئۇنى ئىشلەتمەس بولدۇم .

TOP

پاۋۇل.
خاتالىقىڭىزنى تۈزۈتۈپ قويسام، ئىنكاسنى ئۆچۈرۈپ. ماڭا دىققەت قىلىڭ دەپ تەھتىد سىلىپ كىتىپسىزغۇ؟
تۈزۈتىۋالدىم دەپلام ئىنكاسنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولاتتىغۇ؟! تەھتىد سىلىشنىڭ ئورنى بارما؟
ئەمدى مۇشۇ مۇنبەردىمۇ قوقۇپ يۈرىشىمىز كىرەكما ؟!
مەن بىر ئېزدەنگۈچى !``

TOP

1.ئەگەر BIOSتەڭشەلمىسى توغرا بولمىسا،يۇقىرىدەك F1كونۇپكىسى بىلەن بەلگىلەنگەن قىممەت بىلەن سېستىما يېتەكلەش يۇز بېرىدۇ،بۇنى ھەل قىلىش ئۇچۇن BIOSقىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش،BIOSۋاقتىنى توغرىلاش دىگەندەك مەشغۇلات قىلىمىز.
2.يېڭى ئالماشتۇرغان CPUۋەياكى باشقا سايمان،BIOSئۇچۇر ساقلانمىسىدىكى سايمان بىلەن ئوخشاش بولماي قالسا،مۇشۇنداق ئەھۋال يۇز بېرىدۇ،ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا BIOSنۇسخسىنى يېڭىلاش قىلىش..
3.كومپىيوتىر ئىچىدىكى سايمانلارنىڭ ئۇلىنىش سىملىرى نورمال ئۇلانغان بولىشى كېرەك....
4.باتارىيە توك قالمىغان بولسا يۇقىرى ئۇچۇر كۆرىنىدۇ،شۇڭا باتارىيە ئالماشتۇرۇش كېرەك...شۇنداق بولسىمۇ باتارىيەنى قاچىلىغاندىن كېيىن،چىڭ قاچىلانغان ئەمەسلىگىنى ئوبدان تەكشۇرۇش كېرەك...
5.يۇمشاق دېسكا ئوقۇغۇچنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇل بويىچە توختىتپ سىناپ كۆرۇڭ
Intel D915 CPU
945G + ICH7R
3GB DDR2 800 SDRAM
GeForse8500 显卡
250G +500GB +80GB  SATA硬盘
Intel 100 Etehernet
Realtec 7.1 Suond Card

TOP

مىنىڭ ئۆيۈمدىكى كومپىيۇتېرمۇ شۇنداق ئىدى ، مەنمۇ سىناپ باقاي.

TOP

دوستلار بىئوس پارامېتىرلىرىنى بولسا ئېنگىلىزچە لوغەتتىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىڭلار بەك ئاسان. مەن 1999-يىلىلا شۇنداق كۆرۈپ باققان.
ئەمدى F1 مەسىلىسىگە كەلسەك تۆۋەندىكىدەك بىرقانچەن سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.
1. يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ سەپلەنمىگەن ئەھۋالدا بىئوستا مەزكۇر تۈر ئوچۇق بولۇپ قالغان.
2. CPU نىڭ پارامېتىرى خاتا تەڭشىلىپ قالغان
3. ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە كۆرسىتىش كارتىسى پارامېتىرلىرى خاتا تەڭشىلىپ قالغان
بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى:
del كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بىئوسقا كىرىپ ئەدۋانىس سېتئاپ تۈرى (ئادەتتە ئاساسىي تىزىملىكتىكى ئىككىنجىسى) «فىلوپىي دېسىك»نى دېسئابلى غا تەڭشەش  (يەنى بىرىنجى خىل ئەھۋالدا)
del كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بىئوسقا كىرىپF9 كۇنۇپكىسىنى ئارقىدىن Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بىئوس پارامېتىرلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۇپ ئاندىن يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە يۇمشاق قوزغاتقۇچنى ئىتىۋېتىش

ئادەتتە كۆپىنچە ئاساسىي تاختىلارنىڭ بىئوستا F9 نى بېسىش ئارقىلىق زاۋۇت قىممىتىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ. ئارقىدىن ئىشلىتىلمىگەن قاتتىق دېتاللارنى ئىتىۋەتسەك بولىدۇ.
F1 نى بېسىش دىگەن سېستىما بىلەن مۇناسىۋى يوق ھەرگىز!!!!

TOP

يېڭى تېما